ماڭا كۆيۈپ يۈرگەنلەر كۆيەلمەسكەن ئانامدەك، مېنى ئەسلا يۈرەكتىن سۆيەلمەسكەن ئانامدەك. مەن يىغلىسام يۈرىكى پارە بولۇپ مەن ئۈچۈن. بەخت تاپسام شادلىنىپ كۈلەلمەسكەن ئانامدەك. قىيامەتلىك دوستۇم دەپ ئىشەنگىنىم سىردىشىم، سىرلىرىمنى كۆڭلىگە كۆمەلمەسكەن ئانامدەك. سېنىڭ ئۈچۈن جېنىمدىن كېچىمەن دەپ يۈرگەنلەر، ۋاقتى كەلسە مەن ئۈچۈن ئۆلەلمەسكەن ئانامدەك. مېنى ھەريان ئۇچۇرسا بۇ ھاياتنىڭ بورانى، ھېچكىم ماڭا ئەگىشىپ كېتەلمەسكەن ئانامدەك. بەخت مەندىن يىراقلاپ زىمىستانغا يۈزلەنسەم، كېلەر بىر كۈن باھار دەپ كۈتەلمەسكەن ئانامدەك. نەپ ئالغاندا مېنىڭدىن پەرۋانە بوپ يۈرگەنلەر، چاڭقىغاندا ئۇسسۇزلۇق بېرەلمەسكەن ئانامدەك. تەقدىر دېگەن باغرى تاش كۆزلىرىمنى ياشلىسا، ئالقىنىدا يېشىمنى سۈرتەلمەسكەن ئانامدەك. ئانا دېگەن ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان ئىكەن ئەسلىدە، بۇ دۇنياغا قىممەتلىك مېھمان ئىكەن ئەسلىدە. پەرزەنت ئۈچۈن يېقىلغان گۈلخان ئىكەن ئەسلىدە،مېنى جاندىن ئەزىزرەك كۆرەلمەسكەن ئانامدەك. ئۇلۇغ اللاھدن بارلىق مىھربان ئانلارغا ساغلام تەن ئۇزۇن ئۈمۈر تىلەيمە ن