19-ئاپرېل يەكشەنبە كۈنى،فەيرفەكس رايونلۇق كۈتۈپخانىسىدا « دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى» تېمىسىدا 2 سائەتلىك لېكسىيە بەردىم.قاتناشقۇچىلار لېكسىيەمنى باشتىن ئاخىر قىزىقىش ئىچىدە ئاڭلاپ چىقتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك تەپلىپ-پىكىرلىرىنى بەردى.لېكسىيە جەريانىدا مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلار نوپۇسى ھەققىدە توپلىغان سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئىلمىي مۇلاھىزىلەر بىلەن بىرگە تونۇشتۇرۇپ چىقتىم. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى توغرىسىدا 1800- يىلدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە خەلقئارادا ئېلان قىلىنغان رەسمىي سىتاتىستىكىلىق مەلۇماتلار،ياۋروپا،ئوتتۇرا ئاسىيا،ئوتتۇرا شەرق،تېنچ ئوكيان رايونى ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك نوپۇس ئەھۋالى،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ،خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس مەلۇماتلىرىنى ئانالىز قىلىنىپ ،ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
1890-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە،دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئىشلىتىپ،مۆلچەرلىگەن سانلارنى دۆلەتلەر بويىچە ئوتتۇرىغا قويدۇم. بۈگۈنكى كۈنلەردە، پۈتۈن دۇنيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي سانىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدۇم.
دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئۈستىدە يېزىلغان ئىلمىي ماقالەمنىڭ تولۇق نۇسخىسى كەلگۈسىدە مۇۋاپىق پەيتتە ئېلان قىلىنىدۇ. لېكسىيە نەق مەيدانىدا ئېلىنغان كۆرۈنۈشلەردىن بىر قىسىمى پات يېقىندا ئېلان قىلىنىدۇ. بىر قانچەكۈندىن بېرى،لېكسىيەگە نەق مەيداندىن قاتنىشالمىغان نۇرغۇن دوستلار لېكسىيە توغرىسىدا يازما ۋە كۆرۈنۈشلەرنى ئېلان قىلىشىمنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.شۇ دوستلارنىڭ ئۈمىدى بويىچە تۆۋەندىكى بىر قانچە جەدۋەل ۋە گرافىلارنى سىلەرگە سۇندۇم.
بۇ يەردە بېرىلگەن سانلىق مەلۇماتلارغا ھەممەيلەن قوشۇلۇپ كەتمەسلىكى مۇمكىن.قانداق پىكىرلەر بولسا ئىلمىي يوسۇندا ئوتتۇرىغا قويۇشۇڭلارنى سەمىمىيلىك بىلەن سورايمەن.مەزكۇر تەتقىقات تېمىسىغا پايدىسى بولىدۇ دەپ ئىشىنىمەن.
ئاخىرىدا شۇنى تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى،بۇ يەردە كۆرسەتكەن سانلىق مەلۇماتلار پەقەت ئۆزۈمنىڭ كۆزقارىسى بولۇپ،مۇستەقىل تەتقىقاتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.مەن ھېچقانداق تەشكىلاتقا ياكى كوللىكتىپقا ۋەكىللىك قىلمايمەن.ئۇيغۇرلار نوپۇسى ھەققىدە خەلقئارادا تارقىلىپ كېلىۋاتقان سانلارنى ئىنكار قىلىش نىيىتىدە ياكى قوللاش نىيىتىدىمۇ ئەمەسمەن.