بىر دانىشمەن ئادەم بىر كىشىدىن سوراپتۇ :« ئەگەر بىرسى ساڭا يوغان بىر سېۋەت بېلىق بىلەن بىرتال قارماق كۆرسىتىپ ئىككىسدىن بىرىنى تاللىۋالغىن دېسە، قايسسىسىنى تاللايسەن ؟»
ئۇ كىشى ئويلانمايلا «ئەلۋەتتە بىر سېۋەت بېلىقنى تاللايمەن » دەپتۇ ،
دانىشمەن ئۈمۈدسىزلەنگەن ھالدا بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ : «ھەي نادان ،قارماقنى تاللىشىڭ كېرەك ئىدى ،بېلىقنى يەپ بولساڭ تۈگەيدۇ ،قارماقنى تاللىساڭ بېلىق دىگەننى كۈندە تۇتۇپ يىمەمسەن؟ » دەپتۇ
لىكىن ئۇ كىشى « مەن بېلىقنى بازاغا ئاپىرىپ سېتىپ پۇلىغا نەچچە تال قارماق سېتىۋالىمەن،ئاندىن قارماقنى باشقىلارغا ئىجارىگە بېرىمەن ۋە ئۇلار تۇتقان بېلىقنى تۆۋەن باھادا سېتىۋىلىپ بىلىق قورۇمىسى قورۇپ سېتىپ، پۇلىغا ئارام ئالىدىغان جاي قىلسام، نەچچە يىلغا قالماي بېلىق تۇتۇش ئارامگاھىدىن بىرسى پەيدا بولىدۇ